مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

فۇجيەن شىشى شەھىرى بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش سودىسى قاتارلىق ئىسلاھات سىناق نۇقتىلىرىنىڭ پايدىسىنى قېزىپ چىقتى

زامانىۋى سودا شەھىرى قۇرۇش تېزلىتىلدى (20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى)

2022.10.07 22:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش سارىيىدا، ئالدىن ئورالغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى لىق تولغان ئىدى، سودا شەھىرى ئەتراپىدىكى يوللاردا يۈك ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، شىخۇ پورتى دېڭىز تىرانسپورتى پىرىستانىدا كونتېينېر كىرانلار ئالدىراش ئىدى... پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، فۇجيەن ئۆلكىسى چۈەنجوۋ شەھىرىنىڭ شىشى شەھىرىدىن ئىبارەت دېڭىز بويىدىكى بۇ كىچىك سودا شەھىرىدە، كادىرلار ۋە ئامما كۆتۈرەڭگۈ جاسارەت بىلەن تاشقى سودىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈردى.

  «ليەنجياڭ بېلىق كۇمىلىچى 200 ساندۇق، ئەنشى چېيى 1000 قۇتا، دېخۇا فار-فور بۇيۇملىرى 300 يۈرۈش...» چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ ئۇزۇن زاكاز تالونى شىشى شەھىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سېتىۋېلىش يىغىش-تارقىتىش مەركىزىنىڭ كەسپىي خادىمى گو يۆلىنىڭ قولىدىن يەر يۈزىگىچە سوزۇلغان ئىدى.

  «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىشتا بىز يەڭنى تۈرۈپ، تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ئىشلىشىمىز كېرەك.» گو يۆلىنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشقان بولۇپ، «بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش سودىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تايىنىپ، زاكازنى سېكۇنتىغا ئۇلاپ يىغىپ تارقىتىش ئارقىلىق، ئېكسپورتنىڭ پۈتۈن جەريانلىق دەۋرىيلىكىنى ئىلگىرىكى ئۈچ ئايدىن بىر كۈنگە قىسقارتتۇق، زاكازنى تاماملاش ھەم تېز، ھەم ياخشى بولدى.»

  2018-يىلى 11-ئايدا، شىشى شەھىرىنىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى تۇنجى بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش سودا ئۇسۇلىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشى تەستىقلاندى، بېكىتىلگەن بازار توپلاشقان رايوندا، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تىجارەتچىلەر مال سېتىۋېلىشتا «بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىش، بىر قېتىم تەكشۈرۈش، بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش» ۋە قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، قايتۇرماسلىق سىياسىتى يولغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «سېتىۋېلىنغان جايدا ئىلتىماس قىلىش، ئۆلكە بويىچە پورتلاردا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش» بىر گەۋدىلەشكەن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئادەتتىكى سودىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئۆلچەملىك ساندۇقتا 1000 يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت تېجەپ قېلىندى.

  ئېكسپورت ئۇسۇلىدا سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئادەتتىكى سودا بىلەن شۇغۇللانغىلى 20 نەچچە يىل بولغان شۈ ۋېنجىنغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەخسۇس بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش سودىسىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «ليەنجياڭ بېلىق كۇمىلىچى كۆرگەزمە سارىيى» شىشى خەلقئارا يېمەكلىك شەھەرچىسىدە قۇرۇلدى. «بېلىق كۇمىلىچى چەت ئەلدىكى يۇرتداشلار ئارىسىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش سودىسىنىڭ دەۋرىيلىكى قىسقاردى، سوغۇق، يېڭى بېلىق كۇمىلىچى چەت ئەلدىكى تاماق ئۈستىلىگە تېخىمۇ تېز يېتىپ بارالايدۇ.» قۇرۇلغىنىغا بىر ئاي بولمايلا، شۈ ۋېنجىن فۇجوۋنىڭ ليەنجياڭ ناھىيەسىدىن ئالتە قېتىم مال تولۇقلىدى، «يىل ئاخىرىدا فۇجيەننىڭ غەربىدىكى تاغ ماللىرىنى ئېچىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى سودىگەرلەرگە فۇجيەن تەمىنى تېتىتىمەن.»

  شىشى شەھىرى تاشقى سودا تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ سىجىل كۈچ چىقاردى. 2021-يىلى 9-ئايدا، شىشى شەھىرى 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پېرېۋوت نىسبىتىدە خەۋپتىن ساقلىنىدىغان مەھسۇلاتلار ھۆكۈمەت «ئاممىۋى كاپالەت ئالتۇن كۆلچىكى» تەسىس قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى «كاپالەت پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان» ئۇزاق مۇددەتلىك راسچوت قىلىپ سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 76 كارخانىنىڭ تاشقى سودا زاكاز تالونى خەتەردىن ساقلىنىپ، 23 مىليون يۈەن كاپالەت پۇلى كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى.

  شىشى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇ جىنفا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش سودىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تاشقى سودا، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، ۋاكالىتەن مال يەتكۈزۈش، پىرىستان ئەشيا ئوبوروتى، خەلقئارا تىرانسپورت قاتارلىقلاردا يېڭىدىن 12 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى. ھازىرغا قەدەر، شىشىدا تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاساسىي گەۋدىلەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىلگىرىكى 1200 دىن 9000 دىن كۆپرەككە كۆپەيدى، يېڭىدىن 328 يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى تاشقى سودا شىركىتى كۆپەيدى.

  شىشى شەھىرى جىنشاڭ بازىرىدىكى چۈەنجوۋ پېڭتەي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىيىم ماتېرىياللىرىنى تەقسىملەش-يەتكۈزۈش ئاقما لىنىيەسى مېھمانلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاۋ ۋېنخۇڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە ئارقىلىق تاشقى سودىدىكى مەھسۇلاتلاردا «مىقدارى كۆپ، زاكاز بىر خىل» بولۇشتەك قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، خاسلاشتۇرۇش، زاكازلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلەشتۈرۈش يېڭى يولىغا مېڭىشقا باشلىدى، بۇ ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يەككە مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتى %30 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلدى. جاۋ ۋېنخۇڭ مۇنداق دېدى: «بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش سودىسى بارلىققا كېلىپ، ‹مىقدارى ئاز، تۈرى كۆپ، باھاسى يۇقىرى بولۇش› يېڭى ئېقىم بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.»

  ياخشى مەھسۇلاتقا تېخىمۇ ياخشى يول بولۇش كېرەك. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر كونتېينېر پاراخوتى شىشى شەھىرىنىڭ شىخۇ پىرىستانىدىن ئايرىلدى. بۇ، چۈەنجوۋدىن ياۋروپاغا بىۋاسىتە بارىدىغان ئىككىنچى يولنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئىجرا قىلغۇچى تەرەپ، ۋودفى سۇ تىرانسپورتى (شياڭگاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۈ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىچكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى تېز بەرپا قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ «چۈەنجوۋ ياسىمىلىرى»نىڭ «دۇنيا مودىلىرى»غا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە، شىشى شەھىرىنىڭ بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش سودىسىدا تاماملانغان ئېكسپورت مال قىممىتى جەمئىي 120 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، شىشى شەھىرى تاماملىغان ئېكسپورت مال قىممىتى 33 مىليارد 717 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.93 ئاشقان.

  شىشى شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىشى ‹سودا ئارقىلىق سانائەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، سودا-سانائەت ھەمتۈرتكە بولۇش›تا چىڭ تۇرۇپ، بازار ئارقىلىق سېتىۋېلىش سودىسى قاتارلىق ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ پايدىسىنى تولۇق قېزىپ، زامانىۋى سودا شەھىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ