مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ يېنىدا

2022.08.25 19:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق كۈرەشلىرى خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەيدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا لياۋنىڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاممىغا پارتىيەمىزنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، جاراڭلىق، كۈچلۈك سىياسىي خىتاب، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ 100 نەچچە يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. پارتىيەمىزنىڭ يىلتىزى خەلقتە، قان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە. پارتىيەنىڭ 100 نەچچە يىللىق تارىخى دەل پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن تارىخ، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش تارىخىدۇر.

  ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىي بولۇپ، ئىشلارنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىنى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كەڭ خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە، خەلقنىڭ مەيدانى پارتىيەنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانىدۇر. «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز»، «ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز»، «ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر»، «خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر»، «پارتىيە باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ يېنىدا»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ خەلققە بولغان ساپ قەلبى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر خەلقنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلقنىڭ ھىمايە قىلىش-قىلماسلىقى، قوللاش-قوللىماسلىقى، خۇشال بولۇش-بولماسلىقى، قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقىنى بارلىق خىزمەتنىڭ پايدا-زىيىنىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم قىلدى.

  پارتىيە باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ يېنىدا بولۇپ، خەلق بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولىدىغان، بەخت-سائادەتتىمۇ، جەبىر-جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت ئورناتتى. پارتىيەمىز ئاممىنى كۆزلەش، ئاممىغا تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەيلى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى قاتارلىق بەش قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتا بولسۇن ياكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئامما غەم قىلىدىغان، باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىشتا بولسۇن، ياكى يېڭى دەۋردىكى توردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىش بولسۇن، ئاڭلىق ھالدا خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى سوراپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، مۇھىم تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلىدى ۋە كۈچەيتتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەمىز خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولسىلا، بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ