خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا قىسمەن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى مۇناسىپ ھالدا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش كېچىكتۈرۈلدى، قىسمەن ئىمتىھان رايونلىرىدا ئىمتىھان ئېلىش ۋاقىتلىق توختىتىلدى. كەڭ ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىمتىھانلارنىڭ كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كادىرلار ئىمتىھانى مەركىزى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كادىرلار ئىمتىھانى مەركىزىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كېچىكتۈرۈلگەن ياكى ۋاقتىنچە توختىتىلغان بۇ ئىمتىھانلارغا بىر قېتىم تولۇقلىما ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تولۇقلىما ئىمتىھان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى، مەسلىھەتچىلىك ئىنژېنېرلىقى (مەبلەغ سېلىش)، رويخەتكە ئېلىنغان يادرو بىخەتەرلىكى ئىنژېنېرلىقى، رويخەتكە ئېلىنغان بىناكار (1-، 2-دەرىجىلىك)، نازارەتچىلىك ئىنژېنېرلىقى، رويخەتكە ئېلىنغان ئۆلچەم ئىنژېنېرلىقى (1-، 2-دەرىجىلىك)، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئىنژېنېرلىقى، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيىتى (باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي)، ئىقتىساد كەسپىي تېخنىكا سالاھىيىتى (ئالىي)، ئالدىنقى يېرىم يىللىق تەرجىمە كەسپىي سالاھىيىتى (1-، 2-، 3-دەرىجىلىك) قاتارلىق 10 تۈرلۈك ئىمتىھانغا چېتىلىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: تۈرلۈك ئىمتىھانلارنىڭ كونكرېت ئىمتىھان ۋاقتى كېيىنكى يېرىم يىللىق مەملىكەتلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى پىلانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ۋە يۇقۇم ۋەزىيىتى تەتقىق قىلىنىپ بېكىتىلىپ، مۇۋاپىق پەيتتە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ھەر ۋاقىت ئىمتىھانغا تىزىملاتقان جايدىكى ئىمتىھان ئاپپاراتى تور بېكىتىنىڭ ئۇقتۇرۇش ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ