مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ تايلاند پارلامېنتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سىن سۆزى قىلدى

2022.06.29 10:39 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 6-ئاينىڭ 27– كۈنى تەكلىپكە بىنائەن تايلاند پارلامېنتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سىن سۆزى قىلدى.

  لى جەنشۇ تەبرىك سۆزىدە جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن تايلاند پارلامېنتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزۇندىن بۇيان، تايلاند پارلامېنتى تايلاندنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىقىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتە پائال رول ئوينىدى.

  لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى. بۇ يىل يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. جۇڭگو تايلاند بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، دۇنيا كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۇنيا تەرەققىياتى تەشەببۇسى ۋە دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا خەۋپسىزلىكىنى ئىدارە قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى. جۇڭگو تايلاند بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداپ، دۇنيا تېنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ