شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2022.06.23 22:10 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ۋىدېيولۇق قاتناشتى ھەمدە «دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، پارلاق كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق شەكىلدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا - سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، پارلاق كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، ھەر خىل خەۋپسىزلىك خىرىسلىرى ئارقا - ئارقىدىن يۈزبېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىش قەدىمى مۈشكۈللىشىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلدى. دۇنيا قايسى تەرەپكە يۈزلىنىدۇ؟ تىنچلىققىمۇ ياكى ئۇرۇشقىمۇ؟ تەرەققىياتقىمۇ ياكى چېكىنىشكىمۇ؟ ئېچىۋېتىشكىمۇ ياكى بېكىنىۋېلىشقىمۇ؟ ھەمكارلىشىشقىمۇ ياكى قارشىلىشىشقىمۇ؟ بۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان دەۋر سوئالى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى بەزىدە تىنچ ئاقسا، بەزىدە شىددەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ، لېكىن ھامان ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. گەرچە خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش كۆپ يۈزبېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش ئۆزگەرمەيدۇ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئارزۇسىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. بىز لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلارنىڭ كۆزىمىزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماي، تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى دەل جايىدا تونۇپ، بەزىدە، بەزى ئىشلاردا قايمۇقۇپ قالماي، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، خىرىسقا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، بىز ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. ئېچىنىشلىق تارىخ شۇنى بىلدۈردىكى، زومىگەرلىك، گۇرۇھۋازلىق سىياسىيسى، لاگېرلار قارشىلىشىشى تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ئېلىپ كەلمەيدۇ، پەقەت ئۇرۇش، توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىي كۈچى، ئورنىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ، ھەربىي ئىتتىپاقنى كېڭەيتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى كۆزلىسە، مۇقەررەر ھالدا خەۋپسىزلىك قىيىن ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ھەممىلا ئادەم تىنچلىقنى قەدىرلەپ، تىنچلىقنى قوغدىغاندىلا، ھەممىلا ئادەم ئۇرۇشنىڭ ئېچىنىشلىق ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلغاندىلا، تىنچلىقتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، تىنچلىقنى قوغداش بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. يېقىندا، مەن يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇشىنى؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىنى؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىنى؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق بولغان خەۋپسىزلىككە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇشىنى؛ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە تالاش - تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىنى؛ ئەنئەنىۋى ساھەلەر ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى ساھەلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى بىرتۇتاش قوغداشتا چىڭ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدىم. خەلقئارا جەمئىيەت نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىشنى چۆرۈپ تاشلاپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، خۇشاللىق ۋە قايغۇدىمۇ، تىنچلىق ۋە خەتەردىمۇ بىللە بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تىنچلىق نۇرى ئارقىلىق دۇنيانى يورۇتۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، بىز ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ھازىر، يەرشارىۋى تەرەققىيات مۇساپىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. يەرشارى بويىچە 70كە يېقىن دۆلەتتىكى 1 مىليارد 200 مىليون نوپۇس يۇقۇم، ئاشلىق، ئېنېرگىيە، قەرز كىرىزىسىگە دۇچ كەلدى، پۈتۈن يەرشارىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق نامراتلارنى ئازايتىش نەتىجىلىرى يوققا چىقىشى مۇمكىن. بۇلتۇر، مەن يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىتتىپاق، باراۋەر، تەڭپۇڭ بولغان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنى ئازايتىش، سەھىيە، مائارىپ، رەقەملىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى مۇراجىئەت قىلدىم. ئاشلىق، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يەرشارى بويىچە يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتى ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش دورىلىرى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ قەلبىنى مەركەز قىلىش، دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى مەنپەئەت دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، بىز جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر، بەزى مۇھىم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى سۈنئىي كاشىلىغا ئۇچرىدى، يەرشارىۋى پۇل پاخاللىقى ئۆرلەپ تۆۋەنلىمىدى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا سىجىل داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دۇنيا ئىقتىسادى كىرىزىس پاتقىقىغا پېتىپ قالارمۇ دەپ ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئاچقۇچلۇق پەيتتە، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادىي كىرىزىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مەسئۇلىيەتچان بولغان ئىقتىساد سىياسىتى قوللىنىپ، سىياسەتنىڭ سەلبىي ئېففېكتىنىڭ يامرىشىدىن ساقلىنىشى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئېغىر زەربە پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. پاكىت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، جازالاش «ئايلانما نەيزە» «قوش بىسلىق شەمشەر» بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ۋاسىتىلەشتۈرۈپ، قوراللاشتۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە پۇل سىستېمىسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ خالىغانچە جازالىسا، ئاخىرىدا باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ، دۇنيا خەلقىنى بالايىئاپەتكە دۇچار قىلىدۇ.

  تۆتىنچى، بىز سىغدۇرۇپ ھەم توپلاپ، ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇشنى ئورتاق كېڭەيتىشىمىز كېرەك. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى «تەتۈر شامال، تەتۈر ئېقىم»غا دۇچ كەلدى. خەلقئارا جەمئىيەت دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغان رايونغا بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن ئومۇميۈزلۈك ئەنسىرەۋاتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم. تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرۇپ، باشقىلارنىڭ يولىنى توسۇشقا ئۇرۇنسا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يولىنى توسۇپ قويىدۇ. ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، يەرشارىۋىلىشىشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغ ۋە تېخنىكىنى ئەركىن يۆتكىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەقىل - پاراسەتنى تولۇق ئۇرغۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، سودا، سېلىنما، تېخنىكا توسۇقىنى تۈگىتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەت باراۋەرلىكى، قائىدە باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى - تاشقى تەرەققىيات مۇھىتى ئالدىدا، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى، شۇنداقلا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇقىملاشتۇردى. جۇڭگو ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدا، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقىمىز. جۇڭگو مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل يارىتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم سۇپىسى. ھازىر، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىردى. كارخانىچىلارنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوچۇق تەرەققىياتنىڭ تۈرتكە بولغۇچىلىرى، ئىجادىي تەرەققىياتنىڭ باشلامچىلىرى، ھەمبەھرە تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا مەدەت بېرىپ، كۈچ قوشۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پەقەت بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش رولىنى چىڭ تۇتساقلا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوت چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ پارلاق، گۈزەل مەنزىلگە قاراپ يۈرۈش قىلالايدۇ.

  2022 - يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا - سانائەت مۇنبىرى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بېيجىڭدا تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا مىنىستىرلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ھەم سودا - سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر قاتارلىقلاردىن بولۇپ جەمئىي تەخمىنەن 1000 كىشى قاتناشتى.

  خۇ چۇنخۇا ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ