مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تور ئەھلىنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە قارىتا بەرگەن پىكىر-تەكلىپلىرىنى تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

2022.06.28 10:17 مەنبە: خەلق تورى

  ئالاقە تورى قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق خەلقتىن ھال-ئەھۋال سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراشقا ماھىر بولۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا تېخىمۇ ياخشى قۇلاق سېلىش، خەلق رايىغا ھۆرمەت قىلىش، خەلق رايىغا ماسلىشىش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تور ئەھلىنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە قارىتا بەرگەن پىكىر-تەكلىپلىرىنى تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ توردا پىكىر ئېلىشنى قانات يايدۇرۇشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن چارە- تەدبىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، شۇنداقلا پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئىپادىلىنىشى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن دىققىتىنى، ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قوزغىدى، نۇرغۇن ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەر بېرىلدى، ئالاقىدار تەرەپلەر ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، ئالاقە تورى قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق خەلقتىن ھال-ئەھۋال سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراشقا ماھىر بولۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا تېخىمۇ ياخشى قۇلاق سېلىپ، خەلق رايىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق رايىغا ماسلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، خەلق گېزىتخانىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو -تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى ھۆكۈمەت تورلىرى، ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ھەمدە «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدا ئايرىم-ئايرىم مەخسۇس ئىستون ئېچىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. پائالىيەتكە كەڭ خەلق ئاممىسى كەڭ كۆلەمدە دىققەت قىلدى ۋە قاتناشتى، تور ئەھلى بەرگەن جەمئىي 8 مىليون 542 مىڭدىن ئارتۇق تەكلىپ قوبۇل قىلىنىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پايدىلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ