مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 26 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

سانلىق مەلۇمات ئاساسى تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېزلىتىش، مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2022.06.24 14:15 مەنبە: خەلق تورى

  ■ سانلىق مەلۇمات ئاساسى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىك ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، شەخسىي ئۇچۇر ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى قوغداپ، سانلىق مەلۇماتلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادقا كۈچ قوشۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات مۈلۈك ھوقۇقى، ئوبوروت سودىسى، پايدا تەقسىماتى، خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇمات ئاساسى تۈزۈمى سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، قارىغۇلارچە، تەرتىپسىز بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى نىشان قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش قىممىتى، ئىقتىدارى، تۆھپىسىنى يۆنىلىش قىلغان پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ھەركىمنى ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، قابىلىيىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىشقا، قىلغان ئىشتىن نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. چوڭ تىپتىكى چىقىم قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە پەن - تېخنىكا سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ مەنبەگە قايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، چىقىم قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ھەم دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 26 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «سانلىق مەلۇمات ئاساسى تۈزۈمى ئورنىتىپ، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»، «چوڭ تىپتىكى چىقىم قىلىش سۇپىسى كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىقىم قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە پەن - تېخنىكىسىنىڭ قېلىپلىشىشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.


  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: سانلىق مەلۇمات ئاساسى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىك ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، شەخسىي ئۇچۇر ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى قوغداپ، سانلىق مەلۇماتلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادقا كۈچ قوشۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات مۈلۈك ھوقۇقى، ئوبوروت سودىسى، پايدا تەقسىماتى، خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇمات ئاساسى تۈزۈمى سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، قارىغۇلارچە، تەرتىپسىز بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى نىشان قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش قىممىتى، ئىقتىدارى، تۆھپىسىنى يۆنىلىش قىلغان پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ھەركىمنى ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، قابىلىيىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىشقا، قىلغان ئىشتىن نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. چوڭ تىپتىكى چىقىم قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە پەن - تېخنىكا سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ مەنبەگە قايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، چىقىم قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ھەم دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سانلىق مەلۇمات يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمال ۋە جەمئىيەت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا تېز سىڭىپ كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلى ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش شەكلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. دۆلىتىمىز سانلىق مەلۇمات كۆلىمى ۋە سانلىق مەلۇماتنى ئەمەلىي قوللىنىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بىز سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سانلىق مەلۇماتنى ئاچقۇچلۇق مۇھىم ئامىل قىلغان رەقەملىك ئىقتىساد بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق. سانلىق مەلۇمات مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات، كارخانا سانلىق مەلۇماتى، شەخسىي سانلىق مەلۇماتنى تۈرگە ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، ھوقۇق بېرىش، ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقى ئىلكىدە بولۇش ھوقۇقى، سانلىق مەلۇماتنى پىششىقلاش، ئىشلىتىش ھوقۇقى، سانلىق مەلۇمات مەھسۇلاتلىرى تىجارەت ھوقۇقى قاتارلىقلار ئايرىپ تەسىس قىلىنغان مۈلۈك ھوقۇقى يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرى ئوبوروتى ۋە سودا تۈزۈمى ئورنىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ پۈتۈن جەريانى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قېلىپلاشقان سانلىق مەلۇمات سودا بازىرى قۇرۇش كېرەك. سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرى پايدا تەقسىماتىدىكى يېتەكلەش، تەڭشەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈمنى نامايان قىلىدىغان، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرى پايدا تەقسىملەش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك. بىخەتەرلىكنى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قىزىل سىزىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، جەزمەن باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي جايىدا باشقۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت، كارخانا، جەمئىيەتتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپ ماسلىشىپ ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ساھەلەر بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ساھە ھالقىپ ماسلىشىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىپ تەسىس قىلىش ۋە تەڭشەش خىزمىتى ئومۇمىي جەھەتتىن سالماقلىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىشتىكى مۇھىم، زور ئىسلاھات، مۇھىم سىياسەت، مۇھىم، زور تەڭشەشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەتقىق قىلىپ قارار قىلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك، سىستېمىلىق، ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى پىكىر يولىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشكە تەشكىللەپ، مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىپ تەسىس قىلىشنىڭ ئىلمىيلىكى، قېلىپلىشىشى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىپ تەسىس قىلىش ۋە تەڭشەشنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىپ تەسىس قىلىشتىكى تارىخىي تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە سالماقلىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، كونا يەر ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىشتا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، زۆرۈر بولمىغانلىرىنى تەڭشىمەسلىك، بىر قارارغا كېلەلمىگەنلىرىگە تەگمەسلىك، پۇرسەت - شارائىت پىشىپ يېتىلمىگەنلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش - تەڭشەش ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىشنى ئالاقىدار سىياسەت، يىرىك پىلان، ئۆلچەم بىلەن ماسلاشتۇرۇش ۋە جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش ھەمدە ئاساسىي تەتقىقات، ئەمەلىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا ئېچىش، جەمئىيەت پاراۋانلىقى تەتقىقاتى قاتارلىقلار بويىچە تۈرگە ئايرىپ ئىختىساسلىقلارنى باھالاپ، پەن تەتقىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باھالاش كۆرسەتكۈچى ئورنىتىش، باھالاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىچكى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان، كۆپەيتكىلى بولىدىغان، كېڭەيتكىلى بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار نۇقتىدا سىناق قىلىش ئورۇنلىرىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قانۇن - نىزام بويىچە سۇپا كارخانىلىرىنىڭ چىقىم قىلىش ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىقىم قىلىش ساھەسىدىكى قائىدە - تۈزۈم ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشتىن بۇرۇن، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىنكى پۈتۈن زەنجىرلىك، پۈتۈن ساھەلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركەتلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە سۇپا كارخانىلىرى پاي قوشقان، پاي كونترول قىلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئالاقە تورىدىكى پۇل ئامانەت قويۇش، قەرز ئېلىش، سۇغۇرتا، ئاكسىيە، فوند قاتارلىق كەسىپلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشى، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ چۆكمە سانلىق مەلۇماتلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ كونا خېرىدارلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كەمسىتىشنى بەلگىلىمە چىقىرىپ چەكلەش كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەركەز بىلەن يەرلىك ماسلىشىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئوچۇق شەكىلدىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سىجىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا ماسلىشىش ۋە بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاپ، قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.


  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ