مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2022.06.28 10:19 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى يىغىنى 6– ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا يېپىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنى ئېچىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. سايلانغان تەيۋەنلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشەنچى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيەسى ۋە تەيۋەنگە قارىتىلغان فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىدى. تەيۋەنلىك پارتىيە ئەزالىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەن خىزمىتىگە دائىر تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە باشتىن-ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «مۇستەقىللىق»قە قارشى تۇرۇش، بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىپ، تىرىشىپ ئۈلگە بولۇشى كېرەك. قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە دائىر ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش تەدبىرىنى كۆپرەك ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى يىغىنىدا ئارتۇق نامزاتلىق سايلام شەكلى ئارقىلىق تەيۋەن ئۆلكىسىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ