خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئىيۇن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى تراسنىڭ تەيۋەنگە دائىر سۆزلىرى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇردى.
جاۋ لىجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ قىسمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى قايتا-قايتا كۆپتۈردى، جۇڭگو تەرەپ كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەن يەنە بىر قېتىم تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلەيمەن، بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى. جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېن-سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. لېكىن «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىز قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدۇ، ئەنگلىيەنىڭ ئالاقىدار پوزىتسىيەسىدە ئاساسىي ساۋاتلار كەمچىل بولۇپ، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرۇۋېلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ