خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 29- چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئىستېمالچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 130 دوللارلىق تەڭشەش-تىزگىنلەش يۇقىرى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى قىسقا مۇددەت ئىچىدە) ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ (ئۆستۈرۈلمەيدۇ، كېيىنكى خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ 130 دوللارلىق تەڭشەش-تىزگىنلەش يۇقىرى چېكىدىن يۇقىرى بولۇش ۋاقتى جەمئىي ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتسە، ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەر مۇددەتتىن بۇرۇن ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ نېفىتنى سىرتتىن ئېلىش نىسبىتى 70% تىن ئاشتى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تەييار ماي باھاسى مېخانىزمى بويىچە، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى خەلقئارا بازاردىكى خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ھەر 10 خىزمەت كۈنىدە بىر قېتىم تەڭشىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ