مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆججەت تارقىتىپ يازلىق تەتىللىك يازما تاپشۇرۇقنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2022.06.28 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 27-ئىيۇن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2022-يىللىق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىللىك ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلىپ، جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك ئۆگىنىش، تۇرمۇشىنى، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يازلىق تەتىللىك يازما تاپشۇرۇقنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يازلىق تەتىللىك يازما تاپشۇرۇقنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت خاراكتېرلىك تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنى مۇستەھكەملەش پىلانى تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ھەم دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسەت تەربىيەسى سۇپىسى ۋە يەرلىك سۇپىلاردىكى ئەلا سۈپەتلىك دەرسلىك بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى تەكرار قىلىپ ۋە مۇستەھكەملەپ، بىلىمنى پۇختا ئۆگىنىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن توردا قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە يېتەكلەپ، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى شارائىتى يار بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، ئوقۇتقۇچىلارنى پىدائىي بولۇپ مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلىشى ھەم ئاتا ـ ئانىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىي تاللاپ قاتنىشىشىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى بويىچە ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى پائال پىلانلاپ، يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى بويىچە ئوقۇش باشلاش تەربىيەسى ۋە ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئايرىم رايون، ئايرىم مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش، يېڭى دەرس ئۆتۈش ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇش باشلاشقا تەشكىللىشىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ