مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىشەنچ بولسىلا، سېرىق توپا ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ (تاپشۇرۇقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن ئون يىلدا)

2022.05.25 19:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىسىنىڭ فۇپىڭ ناھىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتكە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقارغان جاي.

  2012-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، قار-مۇز كېچىپ فۇپىڭ ناھىيەسىگە كېلىپ، خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. باش شۇجى كەنتكە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ھەقىقىي نامراتلارنى كۆرۈپ، يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تەدبىرىنى مەسلىھەتلەشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇپىڭ ناھىيەسىنىڭ لۇڭچۈەنگۇەن بازىرى لوتوۋەن كەنتىدە تاڭ رۇڭبىن، تاڭ زۇڭشيۇنىڭ ئۆيىگە بىر-بىرلەپ كىرىپ ئۇلارنى يوقلاپ، كاڭدا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، يۇرتداشلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

  ئۇ چاغدا تاڭ زۇڭشيۇ يەنىلا كونا كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئۇ جاپالىق ئىشلىسىمۇ، بىر يىللىق كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشمايتتى.

  «ئىشەنچ بولسىلا، سېرىق توپا ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقى، ھال-ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

  تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، فۇپىڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ دۇمبىقىنى چالدى.

  يېڭى ئۆيلەر سېلىنىپ، يېڭى يوللار ياسىلىپ، كەسىپلەر گۈللەندۈرۈلدى... قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا، لوتوۋەن كەنتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. 2016-يىلى دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن، تاڭ زۇڭشيۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 247 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئارقا-ئارقىدىن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، شۇنداقلا يېڭى ئىگىلىكى بار بولدى.

  «پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولدى، كەنت ئاھالىلىرى كۈچ چىقاردى.» لوتوۋەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇ رۇيلى مۇنداق دېدى: كەنت بىكار تۇرغان يەر بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ۋە ئېگىز تاغ باغۋەنچىلىكى تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى. 2018-يىلى، يەنە ساياھەت شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، «كارخانا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق بىكار تۇرغان يېزا ئۆيلىرىنى جانلاندۇرۇپ، پۇقراۋى قونالغۇ ساياھىتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلدى.

  ھازىر تاڭ زۇڭشيۇ كەنت ساياھەت شىركىتىدە ئىشلەيدۇ، ئايلىق مائاشى 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ.

  ياخشى كۈنلەر كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لوتوۋەن كەنتى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، فۇپىڭ ناھىيەسىدىكى 164 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 2020-يىلى، خېبېي ئۆلكىسىدىكى 7746 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  2021-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىدا، تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە 98 مىليون 990 مىڭ نامرات يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ھەل قىلىنىپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملىنىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان يەنە بىر مۆجىزە يارىتىلدى!

  بۇ مۆجىزىنى فۇپىڭ ناھىيەسىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 2021-يىلى، فۇپىڭ ناھىيەسىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2012-يىلىدىكىدىن 3.7 ھەسسە ئېشىپ، 12 مىڭ 342 يۈەنگە يەتتى.

  كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ نامراتلىق قالپىقى چۆرۈپ تاشلاندى، يېڭى مۇساپە، يېڭى تۇرمۇشتا يەنىلا كۈرەش قىلىشقا تايىنىش كېرەك. فۇپىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ جىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، بىز كەسىپ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رايونلىرىنىڭ خاس كەسىپلىرىنىڭ ئەۋزەل كەسىپلەرگە قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى كۈنلەرنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ