5-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 20:45 لەر ئەتراپىدا، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھىرى ۋۇجىن رايونى خۇتاڭ بازىرى خۇايۈەن يېڭى كەنتى ئولتۇراق رايونىدىكى 182-183-نومۇرلۇق ئىككى قەۋەتلىك ئاھالىلەر بىناسىدا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز پارتلاپ، بىر ئادەم ئۆلۈپ، ئىككى ئادەم ئېغىر يارىلاندى، ئۈچ ئادەم يېنىك يارىلاندى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ج خ ، سەھىيە، ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلاردىكى قۇتقۇزۇش كۈچلىرى دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشقا يېتىپ كەلدى. 25-چېسلا سەھەردە، مۇخبىر نەق مەيداندا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئاخىرلىشىپ، ۋەقەنىڭ كونكرېت سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ