دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا چېتىشلىق پاسسىپ ھەرىكىتى توغرىسىدا كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
2022-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىنسۇڭ ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك باش ئەلچىسى جىشۈي شىشيۇڭ بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ، ياپونىيە تەرەپنىڭ ياپونىيە-ئامېرىكا رەھبەرلىرى سۆھبىتى، ياپونىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە باياناتى ۋە ياپونىيە-ئامېرىكا-ھىندىستان-ئاۋسترالىيە «تۆت تەرەپ مېخانىزمى» باشلىقلار يىغىنىدىكى جۇڭگوغا چېتىشلىق پاسسىپ، خاتا سۆز-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا كەسكىن سۆزلىشىپ، بۇ سۆز-ھەرىكەتلەرگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە بۇ ئىشقا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ