مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ تارماق بىرلىشىپ تۇرالغۇ ئۆي ئاممىۋى فوندىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت تارقاتتى

2022.05.25 13:41 مەنبە: خەلق تورى

  تۇرالغۇ فوندى پۇلى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كارخانىلار ۋە پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يېقىندا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى بىرلىشىپ «تۇرالغۇ فوندى پۇلىنى باسقۇچلۇق قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي فوندى پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سىياسەت جەھەتتىن باسقۇچلۇق قوللىدى.


  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە تۇرالغۇ فوندى پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ ئۆي فوندى قەرزىنى نورمال ئالسا ۋە ئىلتىماس قىلسا، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پۇل ئامانەت قويغۇچى تۇرالغۇ فوندى قەرزىنى نورمال قايتۇرالمىسا، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن خاتىرىسى ئىناۋەت تارمىقىغا يوللانمايدۇ.


  بۇنىڭدىن باشقا، جايلار شۇ جاينىڭ ئۆي ئىجارە سەۋىيەسى ۋە مۇۋاپىق ئىجارە ئېلىش كۆلىمىگە ئاساسەن، تۇرالغۇ ئۆي فوندى پۇلىدىن ئىجارە ھەققىنى ئېلىش سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆي ئىجارە ھەققىنى ئېلىشىغا مەدەت بېرىپ، ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئۆي ئىجارە ھەققىنى تۆلەش ئەمەلىي ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.


  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرىقى قوللاش سىياسەتلىرى ۋاقتىنچە 2022-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە يولغا قويۇلىدۇ. جايلار بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپ بويىچە، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سىياسەتنى يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى ياخشى ئىشلىشى، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئۆز جايىدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە سىياسەتنى يولغا قويۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، تۇرالغۇ ئۆي فوندىنىڭ دائىملىق سىياسىتىگە ياخشى جىپسىلاشتۇرۇشى كېرەك. جايلاردىكى تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى باشقۇرۇش مەركەزلىرى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەرنى توردا بېجىرىش، يانفوندا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇم مەزگىلدە تۇرالغۇ ئۆي فوندى مۇلازىمىتىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ