مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قايغۇلۇق خەۋەر! يۈننەندىكى 44 ياشقا كىرگەن بىر قاتناش ساقچىسى قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا قۇربان بولدى

2022.05.19 13:54 مەنبە: خەلق تورى

  2022- يىلى 5- ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، يۈننەن ئۆلكىسى چۇشيۇڭ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يۇڭۋۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتى ۋۇدىڭ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى يولداش شيا شاۋنېڭ يۇڭۋۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى چىڭشۈي-خېچاڭ يولىنىڭ ئىلدىر بۆلىكىدە قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا، بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇۋېتىپ، نەق مەيداندا قۇربان بولغان، قۇربان بولغاندا ئۇ 44 ياشتا ئىدى.


  شيا شاۋنېڭ، ئەر، يىزۇ، كومپارتىيە ئەزاسى، 2001-يىل 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ھايات چېغىدا چۇشيۇڭ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يۇڭۋۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتى ۋۇدىڭ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى بولغان.


  يولداش شيا شاۋنېڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ج خ مىنىستىرلىقى، ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يوليورۇق بېرىپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، نەپىقە بېرىش ۋە ئائىلە تەۋەلىرىگە غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ