مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ يى ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرىگە «يۈز تۇرانە» ئۇقتۇردى!

2022.05.19 13:52 مەنبە: خەلق تورى

  18-چېسلا، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىن فاڭجېڭ بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەندە، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان پاسسىپ يۈزلىنىشى توغرىسىدا مەيدانىنى ئىپادىلىدى.


  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياپونىيە پات ئارىدا ئامېرىكا-ياپونىيە-ھىندىستان-ئاۋسترالىيە «تۆت تەرەپ مېخانىزمى» باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ. كىشىنىڭ دىققىتى ۋە ھوشيارلىقىنى قوزغايدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا رەھبەرلىرى تېخى بۇ سەپەرنى باشلىماي تۇرۇپلا ئاتالمىش ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلىشىپ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى سەپسەتىلەر ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدە، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزۈشكەن.


  ياپونىيە-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى لاگېر قارشىلىقى قوزغىماسلىقى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. ياپونىيەنىڭ تارىخىي ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى كۆزلەپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، باشقىلارغا سېتىلىپ كەتمەسلىكى، قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان تۇيۇق يولدا ماڭماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ