مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قۇدۇق ئېغىزى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، چوڭ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك

2022.05.18 22:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى ۋېيياڭ رايونى خۇيشى كەنتى ئېغىزىدا، ئۈچ ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ئەۋرەز يولىغا چۈشۈپ كېتىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىپ، كىشىلەرنى بىئارام قىلدى. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خادىملىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەۋاتىدۇ.

  نۆۋەتتە، ۋەقە يۈز بەرگەن يەر ئاستى سۇ يولى ئېغىزى تۆمۈر تاختا بىلەن قاپلاندى ھەم بۇرما مىخ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلدى. ۋەقە يۈز بەرگەندە، يەر ئاستى قۇدۇقىنىڭ قاپقىقىنى يامغۇر سۈيى ئېقىتىپ كەتتىمۇ ياكى سۇ چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن يۆتكىۋېتىلدىمۇ؟ ۋە ياكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئوغرىلاپ كەتتىمۇ؟ بۇنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، نۇرغۇن گۇمانلىق مەسىلىلەرنى يېشىشكە توغرا كېلىدۇ.

  بۈگۈنگە كەلگەندە، شەھەردە نېمىشقا يەنە «قۇدۇقنىڭ ئادەم يېيىشى»دەك تىراگېدىيە پەيدا بولىدۇ؟ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ھەممىسى يەر ئاستى قۇدۇق قاپقىقىدا ساقلانغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا بايقىمىغانلىق، تۈگەتمىگەنلىكتە. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «قۇدۇقنىڭ ئادەم يېيىشى» ئارقىسىدا ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاجىزلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى ئاشكارىلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇدۇقنىڭ ئادەم يېيىش، ئادەم زەخىملەندۈرۈش ۋەقەلىرى پات-پات يۈز بېرىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. قۇدۇقنىڭ ئادەم يەيدىغان ئېغىزىنى ئېتىشتە، چوقۇم قۇدۇق قاپقىقىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش كېرەك، مۇھىمى ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەر ئاستى قۇدۇق قاپقىقىنىڭ سېتىۋېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئىشلىتىشتىن تارتىپ باشقۇرۇش، قوغداشقىچە بولغان «پۈتۈن زەنجىرى»نى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يەر ئاستى قۇدۇق قاپقىقىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  يەر ئاستى قۇدۇق قاپقىقى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئاممىسىنىڭ «ئاياغ ئاستىنىڭ بىخەتەرلىكى»گە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنتايىن چوڭ ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك. «قۇدۇق قاپقىقىنىڭ ئادەم يېيىشى»دەك تىراگېدىيە ئەمدى يۈز بەرمەسلىكى كېرەك، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئوغۇل بالىدىن تېزدىن خەۋەر كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ