مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ھورۇنلۇق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ

2022.05.17 21:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «‹مۇلازىمەت ۋاقىتلىق توختىتىلدى› دېگەن كۆرسەتمە تاختىسى ئارقىلىق ھورۇنلۇق قىلىشنى ئويلىغان ئىدىم، مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلماپتىمەن، خاتالىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن.» خېنەن ئۆلكىسى فۇگوۋ ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بۆلۈمچىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى خوۋ XX ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرى سوئال سورىغاندا يۇقارقىدەك جاۋاب بەردى. خوۋ XX نىڭ خاتا قىلمىشى پارتىيەلىك كادىرلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ھۇرۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

  ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا خۇپسەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ، ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولمايدۇ. فۇگوۋ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئەۋەتكەن 8-ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بۇ ناھىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇلازىمەت كۆزنىكىدە، خىزمەت ۋاقتىدا خادىملارنىڭ ئىش ئورنىدا ئىكەنلىكىنى، ئەمما كۆزنەككە مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش ۋىۋىسكىسىنىڭ قويۇلغانلىقىنى بايقىدى. يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر گەپ سورىغاندا، خوۋ XX: «ئادەم بۇ يەردە بار بولسىمۇ كەسىپ بېجىرمەيدۇ، ئەتە كېلىڭ» دېدى، پوزىتسىيەسى قوپال بولدى. بۇنداق كىشىلەر پۇرسەتپەرەسلىكنى خىزمەتكە ئېلىپ كىرىپ ئۆز بېشىمچىلىق، شەخسىيەتچىلىك قىلىپ، كۆڭلىگە ياقسا قىلىدۇ، كۆڭلىگە ياقمىسا ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئىتتىرىدۇ، ھەتتا بىر ئىشنى ئاز قىلىپ، كۆپرەك ھۇرۇنلۇق قىلىشنى پايدا ئالغانلىق دەپ قارايدۇ، يەنە تېخى ئۆزىچە خوشال بولىدۇ. ئاممىغا مۇئامىلە قىلغاندا «چاكىنىلىق، ھورۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق، سۆرەلمىلىك، قوپاللىق» قىلىدۇ، خىزمەتتە روھسىز بولۇپ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، خىزمەت سۈپىتى يۇقىرى بولمايدۇ. ئومۇمەن، خىزمەتتە قۇۋلۇق-شۇملۇق قىلىپ پايدا ئالماقچى بولغانلار ئاخىر ئۇستىلىق قىلىپ چاندۇرۇپ قويىدۇ، ئەمەلىيەت ۋە ئاممىنىڭ سىنىقى ئالدىدا ئەسلىي قىياپىتىنى كۆرسىتىدۇ.

  جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش شوئار ئەمەس، بەلكى ئۇنى خىزمەتتە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ئاممىۋى لۇشيەننى ئېغىزدىلا دەپ قويۇشقا بولمايدۇ، بەلكى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى كىچىك ئىشلاردا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. كۆزنەك مۇلازىمىتى پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقىسىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر». ئەگەر مەسىلە كۆرۈلسە، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزۈپ، تەشكىلنى ئايرىم كىشىلەرنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلىتىدۇ، يەنە بىر ئورۇننىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدىكى «ھۇرۇنلۇق» قىلمىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى ھەقىقىي تۈزىتىشتە، ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ھورۇنلۇق قىلغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى يېتەرسىز بولغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، پۇرسەتپەرەسلەرگە پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ