مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى 9- ئايدىن باشلاپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىشىنى تەلەپ قىلدى

2022.05.07 12:52 مەنبە: خەلق تورى

  


  يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىك لايىھەسىنى رەسمىي بېسىپ تارقاتتى ۋە «مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئەمگەك دەرسلىكى ئۆلچىمى (2022-يىللىق نۇسخىسى)» نى ئېلان قىلدى


  بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئەمگەك دەرسلىكى رەسمىي ھالدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل دەرسىلىكى بولۇپ قالىدۇ، يېڭى لايىھەدە ئۆزگىرىشلەر ئىنتايىن زور، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-، 80-يىللىرىدا تۇغۇلغان تورداشلار «كۆپ يىللار ئىلگىرىكى ئەمگەك دەرسلىكى بۈگۈنكى كۈندە يەنە يولغا قويۇلۇپتۇ» دېيىشتى.


  سۈپۈرگە ياساش، قەغەز قىيىشنى ئۆگىنىش، مەيدان سۈپۈرۈش، كۆمۈر داشقىلى تېرىش ... بۇ ئىلگىرىكى ئەمگەك دەرسلىكىنىڭ مەزمۇنى ئىدى، بۇ مەزمۇنلار دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگەردى، بۈگۈنكى كۈندىكى بالىلارنىڭ ئەمگەك دەرسلىكى قانداق بولىدۇ؟
«ئەمگەك دەرسلىكى» دېگەن نېمە؟


  مەجبۇرىيەت مائارىپى ئەمگەك دەرسلىكى مول، ئېچىۋېتىلگەن ئەمگەك تۈرىنى ۋاسىتە قىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمگىكى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئەمگەككە مەقسەتلىك، پىلانلىق تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، كۈچ چىقىرىش، تەر تۆكۈش، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق توغرا ياخشى ئەمگەك قىممەت قارىشى ۋە ئەمگەك پەزىلىتى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.


  مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىك لايىھەسىگە ئاساسەن، ئەمگەك دەرسلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر سائەتتىن كەم بولماسلىق، پائالىيەتنى پىلانلاش، ماھارەت يېتەكچىلىكى، ئەمەلىيەت مەشىقى، خۇلاسىلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ دەرسلىكتە باھالاش مەزمۇنى كۆپ بولۇش، باھالاش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇش، باھالاش سۇبيېكتى كۆپ خىل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك.
ھەم ئەمگەك بىلىمى، ماھارىتىگە ھەم ئەمگەك قارىشى، ئەمگەك ئادىتى، پەزىلىتى، ئەمگەك روھىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ھەم ئەمگەك نەتىجىسىگە، ھەم ئەمگەك جەريانىدىكى ئىپادىسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


  ئادەتتىكى ئىپادىسىنى باھالاش بىلەن ئۆگىنىش بۆلىكىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش، خاراكتېرىنى باھالاش بىلەن مىقدارىنى باھالاشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھالىشىنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار، باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنى باھالاشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.


  ئەمگەك دەرسلىكى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟


  ئەمگەك دەرسلىكىنىڭ مەزمۇنىدا جەمئىي ئون ۋەزىپە توپى تەسىس قىلىنغان، ھەربىر ۋەزىپە توپى بىر قانچە تۈردىن تەركىب تاپقان.


  كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمگىكى تازىلىق ، رەتلەش ۋە يىغىشتۇرۇش، تاماق ئېتىش ۋە ئوزۇقلىنىش، ئائىلە سايمانلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئاسراشتىن ئىبارەت تۆت ۋەزىپە توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


  ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، يېڭى تېخنىكىنى ھېس قىلىش ۋە قوللىنىشتىن ئىبارەت تۆت ۋەزىپە توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


  مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئەمگەك زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى ئەمگىكى، ئاممىۋىي پاراۋانلىق ئەمگىكى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئىككى ۋەزىپە توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ