مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قالايمىقان سېلىق سېلىش» ئەمدى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلمىسۇن

2022.04.25 20:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يولدىن ھايات ئادەم بەھرىمەن بولىدۇ، ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭمۇ يول ياساشقا پۇل تاپشۇرۇشىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ!» يېقىندا سىچۈەندىكى مەلۇم بىر كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى يول ياسىماقچى بولغاندا، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئۈندىدار توپىدا مەبلەغ توپلاشقا تېگىشلىك پۇلنى ئېلان قىلىپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭمۇ پۇل تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ ئىش قىسمەن ئاممىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.

  ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كەنتتە يول ياساش كېرەك، ئەگەر كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادى ئاجىز بولسا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ چىقىرىشىغا ھەم كەنت ئاھالىلىرىدىن مەبلەغ توپلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. قائىدە بويىچە، كەنت ئىككى كومىتېتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سانى بويىچە ھەر بىر ئادەمدىن 1000 يۈەن يول ياساش ھەققى ئالغانلىقىنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ، قانداقلا بولسۇن، بۇ يول ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بۇ يولدا ماڭىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن جايلاردا يول، كۆۋرۈك ياسىغاندا مۇشۇنداق ئۇسۇل قوللىنىلغان.

  لېكىن، كىشىلەرنىڭ ئويلاپ باقىمىغان ئىشى شۇ بولدىكى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا چاچقاندىن كېيىن يەنە 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كەم بولۇپ قالغاچقا، بۇ كەنتنىڭ ئىككى كومىتېتى كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغان مۇنداق بىر ئامالنى ئويلاپ تاپقان، يەنى: ئۆلۈپ كەتكەنلەر «يېرىم» بويىچە ھېسابلىنىپ، ھەر بىر ئادەم 500 يۈەن تاپشۇرۇشى كېرەك بولغان. كەنتتە يول ياساشتا «ئۆلگەنلەردىن پۇل ئېلىش» ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش بولۇپلا قالماي، يەنە قانۇنىي ئاساسى يوق. شۇڭا، «ئۆلگەنلەردىن يول ياساش ھەققى ئېلىش»تىن ئىبارەت بۇ غەلىتە خىيال ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەنلا قىسمەن ئاممىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى، شۇنداقلا كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  «ئۆلگەنلەردىن يول ياساش ھەققى ئېلىش»نى ھەرگىز چاقچاق دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئەمەلىيەتتە، بۇمۇ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى بەزى مەسىلىلەرنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى «ئۆلگەنلەردىن يول ياساش ھەققى ئېلىش» تىپىك «قالايمىقان سېلىق سېلىش»، تىپىك «قالايمىقان قىلمىش» ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا يول ياساش ھەققىنى چاچقاندا، ھەر بىر كەنت ئاھالىسىگە ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، كەم قالغان مەبلەغنى ھەر بىر كەنت ئاھالىسىگە كۆپرەك چاچقان بولسا، ئۇنداقتا «ئۆلگەنلەردىن يول ياساش ھەققى ئېلىش»تەك ئىش يۈز بەرمىگەن بولاتتى.

  شۇڭا، قىسمەن ئاساسىي قاتلامدىكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئەقىل-پاراسىتى يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، يەنە يۇقىرىنىڭ ياردەم بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. مەركەزلىك تەربىيەلەش، «سىرتقا چىقىرىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، جايلارنىڭ بىر قىسىم ياخشى بولغان يېزىلارنى ئىدارە قىلىش ئەقىل-پاراسىتىنى كىرگۈزۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ