مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىرىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ!

2022.04.22 13:41 مەنبە: خەلق تورى

  مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

  مۇخبىرنىڭ 21-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يولغا قويۇلغىنىغا كۆپ يىل بولغان مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىك لايىھەسى ۋە دەرس ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تاماملانغان بولۇپ، 2022-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىك لايىھەسى ۋە تىل ـ ئەدەبىيات قاتارلىق 16 پەن دەرس ئۆلچىمى (2022 ـ يىللىق نەشرى) دە ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىشنىڭ مەزمۇنى، ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئىسلاھ قىلىنىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئۆگىنىش باسقۇچلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرسلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تيەن خۇيشېڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىك لايىھەسىگە 20 يىلدىن ئاشتى، دەرسلىك ئۆلچىمى يولغا قۇيۇلۇۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشتى، بۇ لايىھە-ئۆلچەملەردە يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەزى جايلار مەۋجۇت، مەسىلەن، ئوقۇش بۆلىكىنىڭ ۋېرتىكاللىق يۆنىلىشتىكى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلۇشى يېتەرلىك بولماسلىق، دەرسنى يولغا قويۇش تەلىپى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىقلار.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دەرس لايىھەسىدە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەسلىدىكى ئەخلاق ۋە تۇرمۇش، ئەخلاق ۋە جەمئىيەت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەسلىدىكى ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش دەرسلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، توققۇز يىل بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەندى؛ سەنئەت دەرسلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئىسلاھ قىلىنىپ، 1- يىللىقتىن 7-يىللىققىچە مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت دەسلىرىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۇسسۇل، تىياتىر، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق مەزمۇنلار سىڭدۈرۈلۈپ، 8 - يىللىقتىن 9 - يىللىققىچە تۈرلەر بويىچە تاللاپ تەسىس قىلىندى؛ ئىلىم-پەن، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسلىرى 1-يىللىققتىن باشلاپ تەسىس قىلىنىدى؛ ئەمگەك، ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى دەرسلىرىنىڭ ئىگىلىگەن دەرس سائىتى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسلىكىدىن مۇستەقىل ئايرىلىپ چىقىدۇ.

  دەرس ئۆلچىمى جەھەتتە، تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدا دەرس مەزمۇنى قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇش سۈپىتى ئۆلچىمى تەتقىق قىلىنىپ، يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئوقۇش بۆلىكىنى جىپسىلاشتۇرۇش كۈچەيتىلدى. يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە باھالاش بىلەن ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش تەكلىپى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش، ئىمتىھاننىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقۇتۇش، باھالاش مىساللىرى كۆپەيتىلىپ، «نېمە ئۈچۈن ئۆگىتىش» ، «نېمىنى ئۆگىتىش» ، «قايسى دەرىجىدە ئۆگىتىش» ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە «قانداق ئۆگىتىش» نىڭ كونكرېت يېتەكچىلىكى كۈچەيتىلدى. «يەسلى بىلەن باشلانغۇچنى جىپسىلاشتۇرۇش» قا ئەھمىيەت بېرىپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1-يىللىقىدىن 2-يىللىقىغىچە بولغان دەرسلىرىنى مۇۋاپىق لايىھەلەپ، پائالىيەتلەشتۈرۈش، ئويۇنلاشتۇرۇش، تۇرمۇشلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىش، لايىھەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ