مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇساغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.04.20 20:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇساغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كۋانا ئۆلكىسىدە ئۇدا قارايامغۇر يېغىپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، يارىلانغانلار ۋە ئاپەت رايونىدىكى خەلقتىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئىشىنىمەنكى، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئاپەت ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىپ، يۇرت-ماكانىنى بالدۇرراق قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ