مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى

2022.04.19 21:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34-يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق مەنپەئەتىگە سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى مۇھىم رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئىش ئورنىمىزدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ۋەكىللەر پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تەسىراتىنى ئالماشتۇرۇپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە جانلىق ئەمەلىيىتى، دەپ كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم ئىدىيە ۋە بايانلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىدە، بولۇپمۇ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە تۆۋەندىكى بىرقانچە ئاساسىي مىزاننى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. بىرىنچى، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە نېگىزى، جەزمەن «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇنى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئۇنى خىزمەتتە ئومۇميۈزلۈك، توغرا، ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت. ئۈچىنچى، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش — دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. دۆلەت ئورگانلىرى ۋەكىللەر ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. تۆتىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، خەلق مەنپەئەتى ۋە ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىپ، دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە قانۇن بويىچە قاتنىشىشى كېرەك. بەشىنچى، ۋەكىللەرنىڭ خەلقتىن كېلىدىغان، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىدىغان ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك بولۇش كېرەك. ئالتىنچى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئادا قىلىپ، ئىدىيە، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەكىللەرنىڭ رولى، مەسئۇلىيىتى، بۇرچى ۋە ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى توغرا تونۇپ، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىگە بولغان تونۇشىدا ئېغىپ كەتمەسلىكى، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىشتە ئېغىپ كەتمەسلىكى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش دائىرىسىدە ئېغىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۆزىگە يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن تەلەپ قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ئاڭلىق تىكلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ