مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34–قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

زاكاز مال ۋە ھاسىلىي مەھسۇلات قانۇنى لايىھەسى، كەسپىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

2022.04.20 10:55 مەنبە: خەلق تورى

  13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34–قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  زاكاز مال ۋە ھاسىلىي مەھسۇلات قانۇنى لايىھەسى، كەسپىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

  لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34-قېتىملىق يىغىنى 4– ئاينىڭ 18–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 140 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېينىڭ زاكاز مال ۋە ھاسىلىي مەھسۇلات قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ ئۈچىنچى قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھاسىلىي مەھسۇلات سودىسىغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئالاقىدار توختام ئۇقۇمىنىڭ بەلگىلىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چېگرا ھالقىغان زاكاز مال ۋە ھاسىلىي مەھسۇلاتلار سودىسى پائالىيىتىگە بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ زاكاز مال ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شۈ خۇينىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ ئۈچىنچى قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا كەسپىي مائارىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەسپىي مائارىپقا يەنىمۇ سىڭدۈرۈپ، مەكتەپ ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ ئۆزئارا يۈرۈشتۈرۈلۈشى، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى كەسپىي مائارىپنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كارخانىلارنىڭ كەسپىي مائارىپتىكى مۇھىم سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ كەسپىي مائارىپنىڭ جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى يۇقىرىقى ئىككى لايىھە بىر قەدەر پىشىپ يېتىلدى دەپ قاراپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى. يىغىندا شۈ خۇينىڭ تەنتەربىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنىڭ مەزمۇنى نامايان قىلىندى؛ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئاساسىي ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش بەلگىلىمىسىنى كۆپەيتىش؛ ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى بولغان ھەپتىنى تەنتەربىيە تەشۋىقات ھەپتىلىكى قىلىپ بەلگىلەش؛ ياشلار- ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى ۋە مەكتەپ تەنتەربىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئالاھىدە بەدەن سۈپىتى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى ۋە باھالىشىغا قارىتا مۇۋاپىق بەلگىلىمە چىقىرىش؛ ياشلار-ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سېمىزلىكنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، قاراتمىلىق ھالدا تەنتەربىيەگە ئارىلىشىشنى قانات يايدۇرۇش بەلگىلىمىسى كۆپەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ليۇ جىشىڭنىڭ قاراتۇپراقنى قوغداش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا قاراتۇپراق دائىرىسىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ قاراتۇپراقنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ قاراتۇپراقنى قوغداشتىكى پەن-تېخنىكا ياردىمى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش؛ قاراتۇپراقنى قوغداشنى كۈچەيتىشتە بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقانلارغا تايىنىش بەلگىلىمىسىگە ئەھمىيەت بېرىش؛ قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قاراتمىلىقنى كۈچەيتىش، جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ بىننىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا ئاياللارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغداشنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ دوكلات قىلىش ۋە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش؛ مەكتەپلەردە قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىش؛ ئالاقىدار تۈزۈملەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2023 -يىلى 3-ئايغىچە بولۇپ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى 2023 -يىلى 1-ئايدا سايلاپ چىقىلىدۇ. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سانىنى تەقسىملەش لايىھەسى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى سانىنى تەقسىملەش لايىھەسى، تەيۋەن ئۆلكىسىدىن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى كېڭىشىپ سايلاش لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى تۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ يۇقىرىقى ئۈچ لايىھە توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ «2002-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سانكت پېتېربۇرگ (روسىيە فىدىراتسىيەسى)دا ئىمزالانغان <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى كېلىشىمى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامە»گە قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش تەكلىپى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاڭ جىنەن «1930–يىلى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھدىنامىسى»گە قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش تەكلىپى توغرىسىدا، «1957- يىلى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھدىنامىسى»گە قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش تەكلىپى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ 2021-يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  يىغىندا دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ۋۇ يۈلياڭنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يەنە ئالاقىدار تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، دۆلەت كومىسسارى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ۋېي فېڭخې، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ