مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.04.18 09:35 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇھەممەدكە پادىشاھ سالمانغا سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىغانلىقىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە مۇستەقىل ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «2030 ئارزۇسى» بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئىقتىساد - سودا، يۇقىرى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ «يېشىل ئوتتۇرا شەرق» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي قائىدىسىنى قوغدىشى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمىنى بالدۇرراق ئىمزالاشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  مۇھەممەد پادىشاھ سالماننىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى، جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇھىم ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەرقايسى ساھەلەردە غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگونىڭ ئورنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىكى يوللۇق مەيدانىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «2030 ئارزۇسى»نى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىقتىساد - سودا، قاتناش، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى قوللايدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ