مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​دۆلىتىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2022.04.18 09:33 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 8 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلىتىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئىجتىمائىي كاپالەت خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي تۈزۈم كاپالىتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى بىخەتەرلىك تورى، كىرىم تەقسىماتىدىكى تەڭشىگۈچ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى تەۋرىنىشنى پەسەيتكۈچ بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى چوڭ مەسىلە. قايتا تەقسىملەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك، تېخىمۇ تولۇق كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلانغان، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى يەنىمۇ زىچ توقۇپ، دۆلىتىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز ئەزەلدىن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي نەپىقە قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئورتاق بېيىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدۇق. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلەپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر تۇرغۇزۇپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، «14 - بەش يىل»، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىللىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك. ھەرقانداق ۋاقىتتا بىر قائىدىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇكى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ مۇناسىۋىتى سۇ ئورنى كۆتۈرۈلسە كېمىمۇ تەڭ كۆتۈرۈلىدىغان مۇناسىۋەت، تېيىز سۇدا قېيىق ماڭىدۇ، چوڭقۇر سۇدا كېمە ماڭىدۇ، قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلغاندا، تېيىز سۇدا توختاپ قالىدۇ ياكى ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش باسقۇچىغا كىردى. ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ئارىسىدىكى، ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسى بىلەن باشقا ئالاقىدار ساھەلەر ئارىسىدىكى ئىسلاھات باغلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلاردا ئومۇمى بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك، بۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ «چوڭ سانلار قائىدىسى»گە ئۇيغۇن، شۇنداقلا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ تەلىپى. «داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا بىرلەشمە ھەرىكىتى»نى قەتئىي بوشاشماي، ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھات يۆنىلىشى، رېتىمى، سالمىقىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە بىرىكمە كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۇزارتىشتىن ئىبارەت بۇ تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىجتىمائىي كاپالەتنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتىنىڭ تاسادىپىي ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرگە قارىتا جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: تۈزۈمنىڭ بىردەكلىكى ۋە قېلىپلىشىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىن لايىھەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھەلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ