مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو - ماۋرىتىئۇس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن​

شى جىنپىڭ ماۋرىتىئۇس زۇڭتۇڭى روپۇن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.04.18 09:34 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ماۋرىتىئۇس زۇڭتۇڭى روپۇن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگو - ماۋرىتىئۇس مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشتەك چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - ماۋرىتىئۇس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ روپۇن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  روپۇن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: 50 يىلدىن بۇيان، ماۋرىتىئۇس - جۇڭگو ئىككى دۆلەت چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى. ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. مەن ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ