مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى (يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشايلى — ئۇلۇغ ئۆزگىرىش)

2022.04.18 22:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىجتىمائىي مەسىلە.» «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك.»

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز سالماق بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تونۇشتىن ئەمەلىيەتكىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى.

  گۈل دېڭىزى، چاقپەلەك، ئاق قوتان... جېجياڭ خەييەن ناھىيەسى فېڭيى كەنتىدە، ساياھەتچىلەر توپ-توپ بولۇپ سۈرەتكە تارتىپ، خاتىرە قالدۇردى. فېڭيى كەنتى تاشلاندۇق قېزىش مەيدانى، قېزىش ئورىكىگە قارىتا يېشىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى قونالغۇ، ئېكولوگىيە باغچىسى قاتارلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت بىرلەشتۈرۈلگەن بېيىش يولىنى ئاچتى. كەنت ئاھالىسى جياڭ گۈييىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ھازىر سىرتقا چىقساقلا مەنزىرە رايونى بار، كۆپچىلىك دائىم سەيلە قىلىدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ، كەيپىياتى ياخشى، سالامەتلىكىمۇ ياخشى!» دېدى.

  خۇنەن خېڭياڭ شەھىرىنىڭ شياڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى خېجياڭتاۋ رايونىدا، مۇھىت ئاسراش پىدائىيسى، ئەل ئىچى دەريا باشلىقى خې خۇيخۇي دەريانى چارلاۋاتقاچ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئەسلىدە نۇرغۇن مېتال تاۋلاش، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى بار ئىدى، ھازىر ھەممىسى كۆچۈپ كەتتى. دەريا سۈيى بارغانسېرى پاكىز بولۇپ، دائىم بېلىقلارنىڭ سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.» دەريا بويىدا تۇغۇلغان خې خۇيخۇي شياڭجياڭ دەرياسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى.

  كۆك ئاسماننى قەتئىي قوغداپ، ھاۋا ئوچۇق، يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان مەنزىرە يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى.

  خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى يىندۇ رايونى شۈييې بازىرى بېيگۇەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى يىن شياڭلىن: «ھازىر، بىزنىڭ بۇ يەردە كۆك ئاسمان كۈن سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، مۇھىت بەك ياخشى!» دېدى. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، يىندۇ رايونى سېلىنمىنى زورايتىپ، بۇلغىنىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈزەپ، كوكس تاۋلاش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىپ، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پار قازانلارنى تاقاپ، شاللاپ، يېڭىدىن تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسىنى كۆپەيتتى، بۇلتۇر ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى 2016-يىلىدىكىدىن 45 كۈن كۆپەيدى.

  ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىدا غەلىبە قىلىپ، كەسىپ، ئېنېرگىيە، تىرانسپورت، يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، رايونلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ۋە ئېغىر بۇلغىنىشقا تاقابىل تۇرۇش كۈچەيتىلدى... جۇڭگو دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ كەڭ كۆلەمدە PM2.5 (ئۇششاق دانچىلار)نى تۈزەشنى قانات يايدۇرغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە ئايلاندى. بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانىنىڭ نىسبىتى %87.5 كە يەتتى.

  زۇمرەتتەك سۇنى قەتئىي قوغداپ، دەريا-كۆللەردە سۇلىرى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، قۇشلار ئۇچۇشىۋاتقان، بېلىقلار سەكرىشىپ تۇرغان مەنزىرىلەر قايتا نامايان بولدى.

  جياڭسۇ سىياڭ ناھىيەسى لەيئەن كوچىسى ليۇتاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شېڭ شىجيەن: «ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دەريا بويىغا كېلىپ قىرغاقتا سەيلە قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۈن چىققان ۋە كۈن ئولتۇرغان چاغدىكى مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيە ليۇتاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش سۇلۇق يېرى ۋە كەنت دەرىجىلىك پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇپ، كەڭ توسما يولى ياساپ، دەريا بويىدىكى بىر تۈركۈم باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى تاقاپ، ليۇتاڭخې دەرياسىنىڭ كونا قىياپىتىنى يېڭىلىدى.

  سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش قاتارلىق جەڭلەر سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمى مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلدى. بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغان كەسمە يۈز نىسبىتى %84.9 كە يېتىپ، 2015-يىلىدىكىدىن 18.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. چاڭجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسى ئۇدا ئىككى يىل 2-تۈردىكى سۇسىمان ھالەتكە يەتتى، خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسى 3-دەرىجىلىك سۇسىمان ھالەتكە يەتتى.

  تەبىئەتنى قەتئىي قوغداپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئارام ئېلىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، يېشىللىق كۆپىيىپ، رەڭدارلىققا تولدى.

  بۇلتۇر، بىر توپ يۈننەن ئاسىيا پىلىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ۋە قايتىش سەپىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كىشىلەرنىڭ پىل توپىنى ئاسرىشى، كۆيۈنۈشى، ئادەم بىلەن پىلنىڭ تىنچ-ئامان كۆرۈنۈشى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، دۇنيا جۇڭگونىڭ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ يەنە بىر جانلىق ئۈلگىسىنى كۆردى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 2.68 پىرسەنت پوئېنت ئۆسۈپ، %23.04 كە يەتتى؛ ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئومۇمىي كاربون زاپىسى 1 مىليارد 375 مىليون توننا ساپ ئېشىپ، 9 مىليارد 200 مىليون توننىغا يەتتى. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 10 مىڭغا يېقىن تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى قۇرۇلۇپ، قۇرۇقلۇق زېمىنى كۆلىمىنىڭ %18 ىنى ئىگىلىدى، ئۈچ دەريا مەنبەسى، مۈشۈكئېيىق قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىسى رەسمىي تەسىس قىلىندى، مۈشۈكئېيىق، ئاسىيا پىلى، قىزىل ئىبىس قاتارلىق ئەتىۋارلىق تۈرلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق.» ئون يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى. ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، تەدرىجىي تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى؛ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پاكىز توك چىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، سۇ ئېلېكتىرى، شامال ئېلېكتىرى، فوتوۋولت قاتارلىق ئومۇمىي كالىبىرلىق تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمى 1 مىليارد 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، سەنشيا ئېلېكتىر ئىستانسىسى گېنېراتورلار سىغىمىنىڭ 50 ھەسسىسىگە يېقىنلاشتى؛ يەر شارى بويىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى، دەسلەپكى ھېساباتقا ئاساسلانغاندا، 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقى جەمئىي %28.7 تۆۋەنلىدى... يېشىل رەڭ كۈنسېرى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ روشەن ئاساسىغا ئايلاندى.

  يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بوشاشماي، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلىشىشنى تىرىشىپ بەرپا قىلساقلا تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، ھاۋاسى دائىم ساپ تۇرىدىغان گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ