مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج خ مىنىستىرلىقى«كوئېنلۇن2021» مەخسۇس ھەرىكىتىدە 99 مىڭدىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى

2022.03.16 14:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 15-كۈنى «خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كۈنى». مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «كوئېنلۇن 2021» مەخسۇس ھەرىكىتىدە، جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 75 مىڭدىن ئارتۇقى پاش قىلىنىپ، 99 مىڭدىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان.

  2021 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ج خ مىنىستىرلىقى «كوئېنلۇن 2021» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان، جەمئىيەت كەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان يېمەكلىك، دورا ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە ئۈزۈكسىز شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. مەخسۇس ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 75 مىڭدىن ئارتۇقنى پاش قىلىپ، 99 مىڭدىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەشتىكى جىددىي ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋاكسىنا بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ تۇتتى. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى بېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كوئېنلۇن 2021» مەخسۇس ھەرىكىتىدە تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ئاخبارات يىپ ئۇچىدىن جەمئىي 2900 دىن كۆپرەكى بايقىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ، مۇھىم دېلولارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئومۇمىيىتىگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىندى.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىگىلىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى«كوئېنلۇن 2022» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، دورا بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشتىن ئىبارەت بەش چوڭ جەھەتتە «تور چولپانلىرى» ئىقتىسادى يېڭى كەسىپ ھالىتىدە توردا زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىش جىنايىتى قاتارلىق 15 تۈرلۈك گەۋدىلىك مەسىلىگە قارىتا، زەربە بېرىش سالمىقىنى سىجىل ساقلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ