مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

روسىيە ياۋروپا كومىتېتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلدى

2022.03.16 12:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 15-چېسلا، رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېتېر تولستوي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ياۋروپا كومىتېتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلدى، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروفنىڭ ئالاقىدار خەت-چەكلىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپىغا تاپشۇرۇلدى.

  تولىستوينىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا كومىتېتى بىلەن سۆزلىشىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردە ئىكەن، ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساسىي تېما قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رايون سىياسىيسىدىكى مەنپەئەتى ۋە رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. رۇسىيە مىسلى كۆرۈلمىگەن سىياسىي ۋە جازالاش بېسىمىغا دۇچ كەلگەچكە، مەزكۇر تەشكىلاتقا داۋاملىق ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇشنى ئويلاشمىدى.

  تولستوي مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: رۇسىيە ياۋروپا كومىتېتىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئايرىلىدۇ، بۇ بىر تەمكىنلىك بىلەن چوڭقۇر ئويلىنىپ چىقىرىلغان قارار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ