مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات: ئۆتكەن بىر يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى

2022.03.06 22:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، پارتىيەنىڭ 3-تارىخىي قارارىنى تۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. بىر يىلدىن بۇيان مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ۋە نۇرغۇن خەۋپ-خەتەر، خىرىس ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى بىرقەدەر ياخشى ئورۇنداپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا يەنە يېڭى، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  —— ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلدى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 114 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، %8.1 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى 20 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، %10.7 ئاشتى. شەھەر-بازارلاردا 12 مىليون 690 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.1 بولدى. ئاھالە ئىستېمال باھاسى %0.9 ئۆرلىدى. خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى.

  —— يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچى تېز زورايدى. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، مارسنى تەكشۈرۈش، بايلىق چارلاش، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتى %15.5 ئاشتى. رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد تېز يۇغۇرۇلدى.

  —— ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە رايونلارنىڭ جايلىشىشى داۋاملىق ياخشىلاندى. ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 1 تىرىليون 370 مىليارد جىڭغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %18.2 ئاشتى، ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكى بىرقەدەر تېز تەرەققىي قىلدى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ئۆستى. رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  —— ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا بىر تۈركۈم زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. بازار سۇبيېكتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 150 مىليوندىن ئاشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇش پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %21.4 ئاشتى، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ ئېشىشنى ساقلىدى.

  —— ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەردىكى ئۇششاق دانچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى %9.1 تۆۋەنلىدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىسى رەسمىي قۇرۇلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  —— خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى مۇقىم ئۆستى. ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئەمەلىيەتتە %8.1 ئاشتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيتىلدى. ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق كاپالەت سالمىقى ئاشۇرۇلدى. مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى. شەھەر-بازارلاردىكى 56 مىڭ كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتە يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، 10 مىليونغا يېقىن ئائىلىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

  —— يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرى سىجىل مۇستەھكەملەندى. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك قاپلاش نىسبىتى %85 تىن ئاشۇرۇلۇپ، قىسمەن رايونلاردا توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى قوغدالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ