مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات: خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك

2022.03.06 22:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش لازىم. چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  مائارىپ ئادىللىقى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتىغا ۋە شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دائىملىق نوپۇس كۆلىمىگە قاراپ مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش، خىزمەتتىكى تەربىيەلەش ۋە تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئاھالە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى خىراجىتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەنە 30 يۈەن ۋە 5 يۈەن ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دورا ۋە يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك، مىقدارلىق سېتىۋېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دورا، ۋاكسىنا سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا دورا ئىشلىتىش دائىرىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

  ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش لازىم. ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ يانداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتىنى شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ مەخسۇس قوشۇمچىسىغا كىرگۈزۈپ تۇتۇپ قېلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلىنىڭ بېقىش يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش لازىم. مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆينى پۇل تېپىشقا ئەمەس، تۇرالغۇغا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆي ئىجارە بازىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاۋار ئۆي بازىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، يەر باھاسىنى، ئۆي باھاسىنى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ