مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىزىل بولاقلار كەلدى

2022.03.06 22:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

  بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قىزىل بولىقى داۋاملىق تارقىتىلدى، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان پۇل، ئۆي، ئاپتوموبىل، تۇغۇت، بېقىش، مائارىپ، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە كاتتا سوۋغىلار كۈتۈۋېلىنىپ، ھەممىمىزگە پايدا يەتكۈزۈلدى، خۇشاللىقلار كۆپ بولدى.

  چىقىم كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن 2 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەك كېڭەيدى

  مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل مالىيە كىرىمى داۋاملىق ئاشىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەخسۇس تىجارەت ئاپپاراتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قالدۇق پايدىنى قانۇن بويىچە يۇقىرىغا تاپشۇرۇشى، خامچوتنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىغا يۆتكەپ كىرىشى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، چىقىم كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن 2 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەك كېڭىيىپ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان مالىيە كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن. يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، ئاساسلىقى كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن باج قايتۇرۇلىدىكەن

  يېڭى بىرىكمە باج-ھەقنى قوللاش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن. باسقۇچلۇق تەدبىر ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، باج كېمەيتىش بىلەن باج قايتۇرۇش تەڭ تۇتۇلىدىكەن.

  كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى باسقۇچلۇق كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى 1 مىليون يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگىچە بولسا، كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمى كېمەيتىلىدىكەن. بۇ يىل تۇتۇپ قېلىنغان باج سوممىسىغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە باج قايتۇرۇش يولغا قويۇلىدىكەن. كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قالدۇرۇلغان باج سوممىسى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بىر قېتىمدىلا تولۇق قايتۇرۇلۇپ، ئاشقان تۇتۇپ قېلىنغان باج سوممىسى تولۇق قايتۇرۇلىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن باج قايتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قايتۇرۇلىدىغان باج تەخمىنەن 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولىدىكەن، باج قايتۇرۇش مەبلىغىنىڭ ھەممىسى كارخانىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىكەن

  ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت خىراجىتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدىكەن

  ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى خىراجىتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەنە 30 يۈەن ۋە 5 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ

  كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇلۇپ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلۈپ، ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى تۈۋرۈك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى داۋاملىق قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.

  ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتى شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ مەخسۇس قوشۇمچىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ

  ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ يانداش تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتى شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ مەخسۇس قوشۇمچىسىغا كىرگۈزۈلۈپ تۇتۇپ قېلىنىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئائىلىلەرنىڭ بېقىش يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ.

  تاۋار ئۆي بازىرىدا ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ

  ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئۆينى پۇل تېپىشقا ئەمەس، تۇرالغۇغا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆي ئىجارە بازىرى تېز راۋاجلاندۇرۇلۇپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، تاۋار ئۆي بازىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، يەر باھاسى، ئۆي باھاسى، كۆزلىمە مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىلىپ، ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى ۋە ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  شەھەر-بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

  بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر-بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى پۈتۈن بىر يىلدا %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش.

  بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 10 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇلازىمەت كۈچەيتىلىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلىشىشتا جىنس، ياش جەھەتتىن كەمسىتىشتىن قەتئىي ساقلىنىدۇ ۋە تۈزىتىلىدۇ

  جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى كەسپىي زەخىم كاپالىتى سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا جىنسى، يېشى قاتارلىق جەھەتتىكى كەمسىتىشنىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىنىپ ۋە تۈزىتىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىدۇ.

  ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەشنى قوللاش ئۈچۈن 100 مىليارد يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى ئاجرىتىلىدۇ

  100 مىليارد يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىشلىتىپ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە تەربىيەلەشنى قوللاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىگە بىرەر ماھارەت ئىگىلىتىپ، ھەممە كەسىپتىكى ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ يېتىشتۈرۈلىدۇ.

  پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەق ئازايتىلىدۇ

  پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەق ئازايتىلىپ، كەڭ بازار سۇبيېكتلىرىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنىڭ ئۆسكەنلىكى، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ ھەقىقىي تۆۋەنلىگەنلىكى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلىدۇ.

  پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتى %75 تىن %100 كە ئۆستۈرۈلىدۇ

  تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتى %75 تىن %100كە ئۆستۈرۈلىدۇ، كارخانىلارنىڭ سېلىنما ئاساسىي تەتقىقاتىغا قارىتا باجدا ئېتىبار بېرىش يولغا قويۇلۇپ، ئۈسكۈنە-سايمانلارنىڭ ئامورتىزاتسىيەسىنى تېزلىتىش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. بۇ، دۆلەتنىڭ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بەرگەنلىكىگە باراۋەر.

  ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى باشقا جايدا بېجىرىش مەسىلىسى تېز ھەل قىلىنىدۇ

  رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىسپاتلار يەنىمۇ قىسقارتىلىپ، «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا-گۇۋاھنامىلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ رايون ھالقىپ تىجارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى باشقا جايدا بېجىرىش مەسىلىسى تېز ھەل قىلىنىدۇ.

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا داۋاملىق مەدەت بېرىلىدۇ

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى داۋاملىق قوللاپ، يەرلىكنىڭ يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  شال، بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ

  خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە باھانىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا يەنە بىر قېتىم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بېرىلىپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىشتىن مۇۋاپىق نەپكە ئېرىشتۈرۈلۈپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىنىدۇ.

  چوقۇم كەڭ دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىغا ئىگە قىلىش لازىم

  دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش كۈچەيتىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىلىپ، دېھقانلار تېخىمۇ كۆپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا ئىگە قىلىنىدۇ.

  1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتقۇزۇش لازىم

  تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش كۈچەيتىلىپ، چارۋا-قۇش، سۇ مەھسۇلاتلىرى، كۆكتات قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ياخشى تۇتۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ھەرقايسى رايونلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ئاشلىق يۆتكەپ كىرىدىغان رايونلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشىپ، «گۈرۈچ خالتىسى»نى تولدۇرۇپ، «كۆكتات سېۋىتى»نى تولۇقلاپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتقۇزۇش كېرەك.

  مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش تەمىناتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

  مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش تەمىناتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش، خىزمەتتىكى تەربىيەلەش ۋە تەمىنات كاپالىتى كۈچەيتىلىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتى داۋاملىق ياخشى ئىشلىنىدۇ. كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقتىكى يەسلى مائارىپى بايلىقى كۆپەيتىلىدۇ.

  ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايى قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

  ئىجتىمائىي خىزمەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، ئاممىۋى پاراۋانلىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتى قەتئىي كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ