مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات: ئۆتكەن بىر يىلدا خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق

2022.03.06 22:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز ھالقىلارنىڭ قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، 37 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى نەپكە ئېرىشتۈردۇق؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش يۈكىنى يېنىكلەتتۇق؛ ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەت نىشانىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق؛ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ يىللىق ئەڭ يۇقىرى سوممىسىنى 4000 يۈەن كۆپەيتىپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 5 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدۇق. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆستۈرۈلدى. نەپىقە بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە يېقىن كېلىدىغان ئائىلىلەردىكى ئېغىر كېسەل، ئېغىر مېيىپلەرنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق.

  كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلدۇق. تېخىمۇ كۆپ دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك قاتارلىقلاردىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كېسەلخانىدا يېتىش ھەققىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش نىسبىتىنى %60 كە يەتكۈزدۇق. دورا، ۋاكسىنىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتتۇق. «ئۈچ پەرزەنتلىك» بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق. كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتتۇق. كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تۇرالغۇ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا يېڭىلىق ياراتتۇق. ياخشى تور ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ