خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا شەھەر-يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ جايلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق. رايون مۇھىم ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى قوللاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم تۈرلەرنى يولغا قويدۇق. ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا بىر قېتىمدىلا 20 مىليارد يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتتۇق. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە نۇقتىلىق يۆلەيدىغان 160 ناھىيەنى بېكىتتۇق. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش، ئۆستۈرۈش بويىچە بەش يىللىق ھەرىكەتنى يولغا قويدۇق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ