مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات: ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۆپ يوللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2022.03.06 22:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمال ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىستېمالنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تور ۋە تور سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى داۋاملىق قوللاپ، يەرلىكنىڭ يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. مەھەللىنىڭ كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پىلانلاش، يەر ئىشلىتىش، ئۆي ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ مەدەت بېرىش كېرەك. ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەزمۇنىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ناھىيە تەۋەسىدىكى سودا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا كۈچەپ ماسلىشىپ، ئىستېمال ئارزۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  رايون تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش لازىم. رايون زور ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش لازىم. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك. شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشى ۋە رايون ھەمكارلىقىنى قوللاش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار ۋە چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىش لازىم. دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەر ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار رايونلار دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ