مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات: يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2022.03.06 22:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

  لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش لازىم. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش-يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئەمگەك ھەمكارلىقى، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان-يۆلەيدىغان ناھىيەلەرگە ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ياردەم بېرىشى-يۆلىشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى ناھىيە بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ياخشى قانات يايدۇرۇش لازىم. تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى، دۆلەت ئورمانچىلىق رايونى، ئورمانچىلىق مەيدانى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. كەنتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە قوشۇۋېتىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەنت ۋە يېزا قىياپىتىنى قوغداش كېرەك. يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سۇ، توك، يول، گاز، پوچتا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە پاسكىنا سۇ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەدەنىي كەنت-بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش لازىم. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ