مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2022.03.06 22:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۆزلىمە نىشان تۆۋەندىكىچە: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ؛ شەھەر-بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى پۈتۈن بىر يىلدا %5.5 ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %3 ئەتراپىدا ساقلىنىدۇ؛ ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەملەشتۈرۈلىدۇ؛ ئىمپورت-ئېكسپورت مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى ھالەتتە ساقلىنىدۇ؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقى نىشانى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە بىرتۇتاش تەكشۈرۈلىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق ئېلاستىكىلىق قالدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ھاسىلىي ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا ئىشلىتىش ئېنېرگىيەسى ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى بېكىتىشتە، ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجى ئويلىشىلدى ھەم يېقىنقى ئىككى يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى ۋە «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-تەلەپلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلدى. بۇ، يۇقىرى تۈپ ساندىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش نامايان قىلىندى، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا ئاندىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ