خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىمالدىكى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ بۇ يىل قىشتىن كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە بولغان قىشلىق ئىسسىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ شىمالىي جۇڭگو يېزا مەكتەپلىرىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتوغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ نازارىتى (مائارىپ كومىتېتى) ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مائارىپ ئىدارىسىگە:
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىمالىي جۇڭگو يېزا مەكتەپلىرىنىڭ بۇ يىل قىشتىن كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە بولغان قىشلىق ئىسسىنىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىللىق، پاكىز ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىسسىنىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئىككىنچى، مالىيە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىرمۇ مەكتەپنىڭ پۇل يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن سوغۇقتا قېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.
ئۈچىنچى، ماسلاشتۇرۇش ۋە جىپسىلاشترۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىسسىنىش ئېھتىياجىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تۆتىنچى، بىخەتەرلىك كىرىچىنى چىڭ تارتىپ، ئىسسىنىش جەريانىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى