مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

11-مۇسابىقە كۈنىدە جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

2021.08.05 09:47 مەنبە: خەلق تورى

  شيې سىيى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا.

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ شياگۇاڭ فوتوسى

  زوۋ جىڭيۈەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا.

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ شياگۇاڭ فوتوسى

  گۇەن چېنچېن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېڭ مىن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 11-مۇسابىقە كۈنى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچ ئالتۇن مېدال، تۆت كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن جەمئىي 32 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدە داۋاملىق ئالدىدا ماڭدى.

  ئەرلەرنىڭ ئۈچ مېتىرلىق تاختىدىن سۇغا سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى شيې سىيى 558.75 نومۇر بىلەن ئالتۇن مېدالغا، ۋاڭ زۇڭيۈەن 534.90 نومۇر بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

  گىمناستىكا مەيدانىدا، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى زوۋ جىڭيۈەن 16.233 نومۇر بىلەن ئەرلەرنىڭ قوش تورنىك تۈرىدە چېمپىيون بولدى. ئاياللار تەڭپۇڭ ياغاچ ئورۇندۇق ماھارىتى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى گۇەن چېنچېن 14.633 نومۇر بىلەن چېمپىيون بولدى، سەپدىشى تاڭ چيەنجىڭ 14.233 نومۇر بىلەن ئىككىنچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گىمناستىكا مۇسابىقىسى پۈتۈنلەي ئاياغلاشتى، جۇڭگو گىمناستىكا كوماندىسى ئۈچ ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشتى.تۇرغۇن سۇدا تۇلۇم قولۋاق ھەيدەش ئەرلەر قوش كىشىلىك 1000 مېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىدىن ليۇ خاۋ / جېڭ پېڭفېي 3 مىنۇت 25 سېكۇنت 198 دەقىقە نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. ئاياللار زەنجىرلىك توپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى ۋاڭ جېڭ 77.03 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ