مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىيات يىغىنىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

خۇ چۈنخۇا سىنلىق سۆز قىلدى

2021.08.03 18:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىيات يىغىنى 28-ئىيۇلدىن 29-ئىيۇلغىچە چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش — ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمگەك كۈچى بازىرى، ئىختىساسلىقلار بازىرى، مەدىكارلار بازىرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىليونلىغان ئەمگەكچى ۋە تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا سىنلىق سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە ئەندىزىسى بارغانسېرى بېيىدى، كەسىپ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، سىياسەت سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى. مەۋقە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى، شۇنداقلا تېخىمۇ كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلەندى. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى زىچ چۆرىدەپ ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى ساھەنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىش كېرەك.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ماھارىتى ۋە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ راۋان يۆتكىلىشى، ياخشى تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كۈچىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تۈرلۈك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، بازار ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ