مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2021.07.16 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  30 نەچچە يىل ئىلگىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەتكە ئومۇميۈزلۈك ھۆكۈم قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، شاڭخەي پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تەدبىرنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى قوللاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رايونى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى، زور ۋەزىپىسىنى يۈكلىدى.

  ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇدۇڭنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچىنى ئىككى ئومۇمىيەتكە قويۇپ پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا قويۇپ ئويلىشىپ ۋە پىلانلاپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. «پىكىر»دە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى قوللاش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رايونى بەرپا قىلىش، شاڭخەينىڭ «بەش مەركەز» قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە پۇدۇڭنى تىرىشىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى باشلامچىسى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلامچىسى، «تۆت ئىشەنچ»نى نامايان قىلىشنىڭ ئەمەلىيەت ئۈلگىسى قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو يولىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خىرىسقا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، بىز تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش لوگىكىسىغا شۇنچە ئەمەل قىلىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 نەچچە يىللىق مۇساپىسىدە، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولى، دۇنياغا يۈزلىنىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش يولى، كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاش، يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش يولىدا ماڭدۇق، پۇدۇڭ قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەڭ جانلىق رېئال ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەڭ جانلىق ئەمەلىيەت كارتىنىسى بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «پىكىر»دە پۇدۇڭنىڭ «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يول ئېچىش ئاۋانگارتى»، «ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشنىڭ دەۋر ئۈلگىسى»، «يەر شارى بايلىقىنى تەقسىملەشنىڭ ئىقتىدار ئېگىزلىكى»، «ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنىڭ ئۈلگىسى»، «زامانىۋى شەھەر ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈلگىسى»دىن ئىبارەت يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پۇدۇڭنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى-تاشقى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن مۇھىم يول بىلەن تەمىنلەپ، پۇدۇڭنى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى قوش ئايلىنىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇلىنىشىغا ئايلاندۇرۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىدا باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۇدۇڭنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش كۆزنىكى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  يېڭى ۋەزىيەت __ يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا موھتاج، يېڭى نىشان __ يېڭى نەتىجە يارىتىشقا چاقىرىماقتا. تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پۇدۇڭنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەڭ ئېغىر يۈكنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قاتتىق سۆڭەكنى غاجىلاپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەش كېرەك. «پىكىر»دىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى پەللىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىق توپلىنىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك؛ يەر شارى بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق شەھىرى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك؛ تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۈچلۈك ئىچكى بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئىچكى ئېھتىياجنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىغىمىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ پۇدۇڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پۇدۇڭنىڭ دادىل سىناق قىلىدىغان، دادىل بۆسۈپ ئۆتىدىغان، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىشقا ماس كېلىدىغان قانۇنچىللىق كاپالەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، شەھەر ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، پۇدۇڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگەندىلا، پۇدۇڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  شاڭخەي بىر شەرەپلىك شەھەر، ئۈزلۈكسىز مۆجىزىگە گۇۋاھ بولىدىغان جاي. ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، شاڭخەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، شانلىق سەھىپە ياراتتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە، شاڭخەي چوقۇم دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى چوقۇم نامايان قىلالايدۇ!

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ