مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2021.07.16 12:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشىر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 14-سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆتكەن 100 يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە، تارىخقا ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىمتىھانىنى بېرىش يېڭى يولىغا قەدەم قويدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى! ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولىدىكەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىقى بولىدىكەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق، غەيرەت-جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندۇق.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر، بارلىق قۇربان بېرىشلەر، بارلىق ئىجادىيەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر باش تېمىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۇنياغا شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى!

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 100 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پېشۋالىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، غايىسىنى قەتئىي ساقلايدىغان، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان، بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، پارتىيەگە سادىق بولغان، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەنىۋى مەنبەسى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى بەرپا قىلىپ، روشەن سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ چىقتى. تارىخ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، روھ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. بىز داۋاملىق تۈردە شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىشىمىز، مەڭگۈ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك!

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تارىخنى ئەينەك قىلغاندا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن خارابلىشىشىنىڭ ئالمىشىش سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىز تارىخ ئارقىلىق رېئاللىقنى يورۇتۇپ، كەلگۈسىگە يىراقتىن نەزەر سېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئىلگىرى بىز نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرۈپ، كەلگۈسىدە بىزنىڭ قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك. تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، جەزمەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جەزمەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش، جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش، جەزمەن جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ماقالىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، بوران-چاپقۇندا بىللە بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، داۋاملىق تۈردە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ زور شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ