خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9-ئىيۇل مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يازلىق تەتىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارغا «قاراش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، شارائىتى بار جايلارنى يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشكە يېتەكلىدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇشتا ئىختىيار قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم، مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ، پىدائىي بولۇپ قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارغا مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يازلىق تەتىلدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەزمۇنىدا قاراش ئاساس قىلىنىپ، سىنىپ، كۈتۈپخانا، تەنتەربىيە مەيدان-سارىيى قاتارلىق بايلىق ئەسلىھەلىرى ئېچىۋېتىلىدۇ، بەزى كوللېكتىپ ئويۇن پائالىيىتى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى، كىتاب ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى، قىزىقىشنى كېڭەيتىش، مەشغۇلاتقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە مۇۋاپىق تەشكىللىنىدۇ، كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش، يېڭى دەرس ئۆتۈشكە تەشكىللەشكە بولمايدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ