خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ مەدەنىيەت ساياھەت ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ 8- ماي ئاشكارىلىغان جەرىمانە تالونىدا كۆرسىتىلىشىچە، يوۋكۇ ئۇچۇر تېخنىكىسى بېيجىڭ چەكلىك شىركىتىگە 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.
جەرىمانە تالونىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارىسىنىڭ يوۋكۇنى جازالاش سەۋەبى: تىجارەت خاراكتېرلىك ئالاقە تورى مەدەنىيەت ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئالاقە تورى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ قىلمىش «ئالاقە تورى مەدەنىيىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نىڭ 28- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىغا خىلاپ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ