مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەلقئارادىكى دوستلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2021.09.22 23:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنو، ماخەيدې، ئەيلى، ئېپستېن قاتارلىق خەلقئارادىكى دوستلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى ئاشۇ دوستلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.

  شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سىنو، ما خەيدې، بېتيون، كېدىخۇا، ئەيلى، ئېپستېن قاتارلىق خەلقئارادىكى زور بىر تۈركۈم دوستلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان قىممەتلىك تۆھپىسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلقىگە بولغان سەمىمىي دوستلۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، دەۋرنىڭ چاقىرىقىنى يەردە قويماي، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلقئارادىكى دوستلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي، جۇڭگو خەلقىنى ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرمەكتە. سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلارنىڭ ئەينى يىللاردىكى تاللىشى پۈتۈنلەي توغرا.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخ ئېقىمى توختىمايدۇ، روھ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلارنى ئۈلگە قىلىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

  يېقىندا، سىنو، ماخەيدې، ئەيلى، ئېپستېن، مىللېر، كىروك، جېڭ لۈيچېڭ، لى شا، فىراي، ۋېي لۇشى، يې خۇا، چېن بىدى قاتارلىق خەلقئارادىكى دوستلارنىڭ 16 ئۇرۇق - تۇغقىنى بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 76 يىللىقى پەيتىدە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنى ئورتاق ياد ئېتىدىغانلىقىنى، ئۆز ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئەينى يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ھەمراھ بولۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشنى تاللىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھقا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەل خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگونىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ