مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.05.25 13:53 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ماي ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىران جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى كۈچلۈك مۇستەھكەملەپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قەتئىي قوغدىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل-جۇڭگو بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە تۇرماقتا. جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىران بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىراننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، ئىراننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا چامىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىپ، ئىران خەلقىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىراننىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم مەسىلىسىدىكى مۇۋاپىق تەلىپىنى قوللايدۇ، ئىران بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو پەلەستىن مەسىلىسىنى بالدۇرراق ئادىل ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينايدۇ، ئىران بىلەن رايون ھەم خەلقئارا ئىشلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  روھانىي مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزگىنلىدى ھەم ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك قوللىدى ۋە ياردەم بەردى، ئىران بۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىران بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت دوستانە ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى. ئىران بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىران جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. يېقىندا ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانى-ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبال ئېچىپ بەردى. ئىران جۇڭگونىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ۋە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە قاتارلىق رايون مەسىلىلىرىدە ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن داۋاملىق يېقىندىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ماسلىشىپ، بىر تەرەپچىلىك، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغداپ، رايون تىنچلىقى، بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ