مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.05.24 10:04 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو - پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

  ​شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  ​لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  5-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋى بىلەن جۇڭگو-پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان پۈتۈن شارائىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە دوستلۇقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ 70 يىللىق ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە مۇھىم بەخت-سائادەت يارىتىپ، رايوننىڭ گۈللىنىشىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو ۋە پاكىستان ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «جانجىگەر» دوستلۇقىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن. جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن.

  ئالۋى تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 70 يىلدىن بۇيان، پاكىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پاكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك، مۇستەھكەم ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ پاكىستاننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ پاكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى ۋە ھاياتى كۈچىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان پاكىستان-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر پاكىستاننى دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئالدىنقى يۆنىلىشكە قويۇپ كەلدى، پاكىستان تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-پاكىستان پۈتۈن شارائىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى كېيىنكى 70 يىلدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئىمران تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: پاكىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ پۈتۈن شارائىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ