مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق زامانىۋىلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2021.05.20 19:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا نىڭشيادا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە نىڭشيا خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى قىلىپ، مەۋقەنى رايون ئالاھىدىلىكى، تەرەققىيات شارائىتى قاتارلىق ئەمەلىيەتكە قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىپ كىرىشنى ئىلمىي پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باشلامچى رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە بىرمۇ مىللەتنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، ۋاڭ ياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ نىڭشياغا كېلىپ، ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ يىنچۈەن، ۋۇجۇڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، مەھەللە، ئورگان، مەكتەپ، كارخانا، دىنىي سورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتلىرىنى ئاڭلىدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر، دىن خىزمىتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مىللىي رايونلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە تۆھپىسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى روشەن ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئورتاقلىق بىلەن پەرقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا بولغان تەسىرىنى توغرا ئىگىلەپ، دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىنىڭ ئاساسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلەپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ پۇختا قەدەمدە ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ چوققا قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كاربوننى نيېتراللاشتۇرۇشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ «ئېنېرگىيە»، «ئېغىر سانائەت»كە تايىنىۋېلىش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ «يالغۇز كۆمۈر كەسپىنىلا زورايتىش»، كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ياخشى ساقلاپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش كېرەك. ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنى كېڭەيتىپ، كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ